- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچىدە 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لىتىرىنىڭ باھاسى 0.06 يۈەن ئۆسىدۇ
2017.01.19 15:43 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
13-يانۋار سائەت 00:00دە، دۆلەت ئىچىدىكى ماي باھاسى يېڭى يىل كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئۆسۈش مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىدىكى 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.06 يۈەن ئۆسۈپ، ھەر لېتىر بېنزىننىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 6.47 يۈەن بولىدىكەن.
دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، 13-يانۋار سائەت 00:00دىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى بېنزىن، دىزېل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 70 يۈەن ئۆسىدىكەن. بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە، 92-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ھەر لېتىرى 0.05 يۈەن، 0-نومۇرلۇق دىزېل مېيىنىڭ ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.06 يۈەن ئۆستۈرۈلىدىكەن.
بۇ قېتىم باھا تەڭشەلگەندىن كېيىن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ماي باھاسى يەتتە يۈەن ئەتراپىغا مەركەزلىشىدىكەن. ئەمما ئۈرۈمچىدە 98-نومۇرلۇق بېنزىندىن سىرت، ھەر قايسى نومۇرلۇق بېنزىن، دىزېل مايلىرىنىڭ باھاسى بىردەك «ئالتە يۈەنلىك دەۋر»گە قايتىپ، ھەر لېتىرىنىڭ باھاسى 0.06 يۈەن ۋە 0.07 يۈەن ئارلىقىدا ئۆستۈرۈلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر