باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراندىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك سودا سارىيىغا ئوت كېتىپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى

ئاز دېگەندە 20 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قازا قىلدى

2017.01.20 12:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 19- يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، ئىران پايتەختى تېھراندىكى بىر ئېگىز قەۋەتلىك سودا سارىيىغا شۇ كۈنى ئوت كېتىپ ئۆرۈلۈپ چۈشتى، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 20 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى قازا قىلدى، باشقا 70 كىشى يارىلاندى.

  ئىران تاسنىم ئاگېنتلىقىنىڭ تېھران شەھىرىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد كالبافنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 20 نەپەر ئۆلگۈچى ئوت ئاپىتىدىن كېيىن بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئىكەن، 70 نەپەر يارىدارنىڭ ھەممىسى بىنا ئىچىدىكى دۇكاندا سودا بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئىكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە, ئوت كەتكەن بىنا 50 نەچچە يىل ئىلگىرى قۇرۇلغان بولۇپ، 17 قەۋەتلىك ئىكەن، دۇكان ئىچىدە 600دىن ئارتۇق دۇكان بار ئىكەن. ئوت ئاپىتى شۇ يەر ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت سەككىز ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بىنانىڭ 8-، 9- قەۋەتلىرىدە ئەڭ بۇرۇن ئوت كەتكەن، ئارقىدىن ئوت يامراپ، بىنانىڭ باشقا قەۋەتلىرىگە تۇتاشقان ھەمدە نەچچە سائەت كۆيگەن، ئەڭ ئاخىرىدا بىنا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.

  ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەل بۇرۇن بەرگەن خەۋىرىدە، ۋەقەدە ئاز دېگەندە 30 ئادەم قازا قىلدى، ئۇنىڭدىن باشقا 50تىن 100گىچە ئادەم بىنا ئۆرۈلگەن خارابىلىقتا كۆمۈلۈپ قالدى، دېيىلگەن ئىدى.

  نۆۋەتتە، شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى تېخىچە نەق مەيداندا ئاپەتتىن كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلماقتا، ئوت كېتىش سەۋەبى داۋاملىق تەكشۈرۈلمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر