باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق كېڭىشىپ قۇرۇش» يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2017.01.20 12:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 18-يانۋار جەنۋەدىكى دۆلەتلەر سارىيىدا «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق كېڭىشىپ قۇرۇش» يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق كېڭىشىپ قۇرايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئۇقۇمىنى چوڭقۇر، ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق شەرھلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆزلىشىش، كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇپ، ئورتاق بەھرىلىنىش، ھەمكارلىشىپ، تەڭ مەنپەئەتلىنىش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلدى.

  شۇ جاي ۋاقتى سائەت 18لەر ئەتراپىدا، شى جىنپىڭ 71-نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىنىڭ رەئىسى تومسېن ۋە ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېسنىڭ ھەمراھلىقىدا دۆلەتلەر سارىيىنىڭ يىغىن زالىغا كىردى، ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى.

  ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى مىل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. گۇتېررېس قارشى ئېلىش سۆزى قىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى باش ئىشتابىغا كەلگەنلىكى ۋە مۇھىم نۇتۇق سۆزلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىپ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپ مەسىلىسىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك ئىكەنلىكى، ب د ت نىڭ تىنچلىقنى قوغداش ھەرىكىتى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى قاتارلىق ئىشلىرى ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق دۇنيا بويىچە ئىدارە قىلىشقا پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى ماختىدى.

  شى جىنپىڭ نۇتقىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت ھازىر زور تەرەققىيات، زور ئۆزگىرىش، زور تەڭشەش باسقۇچىدا، شۇنداقلا رىقابەت كەسكىنلىشىۋاتقان، خېيىم-خەتەر كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان دەۋردە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆتكەن 100 يىللىق تارىخقا نەزەر سالغىنىمىزدا، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، ئالەمدە ئىنسانلارنىڭ يەر شارىدىن ئىبارەت بىرلا ماكانى بار. تىنچلىق تۇغىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى داۋاملاشتۇرۇش، مەدەنىيەتنىڭ شانلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش ھەر قايسى ئەل خەلقلىرىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا بىز بۇ بىر ئەۋلاد سىياسىيونلار زىممىمىزگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت. جۇڭگونىڭ بۇ جەھەتتىكى لايىھەسى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، تەڭ پايدا ئېلىپ، تەڭ بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر