باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چې جۈن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى

2017.01.22 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 ـيانۋار، جېجياڭ ئۆلكىلىك 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىدا چې جۈن جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۆلكە باشلىقلىقىغا سايلاندى.

  چې جۈن، ئەر، خەنزۇ، 1955-يىلى 7-ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي چاۋخۇدىن، 1973-يىلى 2-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1973-يىلى 12-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە.

  چې جۈن ئىلگىرى خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزاسى، سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمنىڭ باشلىقى، ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىجياجۇاڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گۇروھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى (2010-يىلى 9-ئايدا مىنىستىر دەرىجىلىك بولغان)، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى (مىنىستىر دەرىجىلىك) قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2016-يىلى 6- ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان. 2016-يىلى 7- ئايدا، جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

  ئۇ 17-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى. (جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورىدىن ئېلىندى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر