باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مالىيە مىنىستىرلىقى 2017-يىلى ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى چىقىمىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىدۇ

2017.01.22 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 21-يانۋار مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا 2017-يىللىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى چىقىمىغا كاپالەتلىك قىلىش نۇقتىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلغان.

  ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى ئېشىپ، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان ئەھۋالدا، خەلق تۇرمۇشى سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى چوقۇم تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالدى بىلەن خەلق تۇرمۇشى سېلىنمىسىغا، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسى ۋە مالىيە ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى دائىرىسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، مالىيە مەبلىغىنى نۇقتىلىق ھالدا ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا ئىشلىتىپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي كاپىتاللارنى قاتنىشىشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. مالىيە چىقىم قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ئەلالاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق رايون، ساھە ۋە كىشىلەر توپىنىڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مەبلەغنى بىر تۇتاش پىلانلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتلاممۇ-قاتلام كۈچەيتىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا 11 تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەت ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئادەتتىكى يۆتكىمە چىقىمدا ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى چىقىمىغا ئالدىن كاپالەتلىك قىلىش؛ خەلق تۇرمۇشى تۈرىدىكى مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى مۇۋاپىق تەقسىملەش ۋە ئىشلىتىش؛ بايلىق ئېنېرگىيە تىپىدىكى قىيىنچىلىقى بار رايونلارنى مالىيە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ مالىيە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ جانلاندۇرۇپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى كاپالىتىنى زورايتىش؛ ئادەتتىكى چىقىمنى ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتىش بېسىمىنى يەڭگىللىتىش؛ قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ئوشۇقچىلىقىنى تۈگىتىش»تىكى خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش؛ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەلىپىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى مەبلىغىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ بېرىش ۋە ۋاقتىدا ئاجرىتىش؛ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى مالىيە مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر