باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

28 ئۆلكە يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنىنى ئاچتى

نۇرغۇن جايلارنىڭ كادىرلىرى تەڭشەلدى

2017.01.22 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ ھەپتە، يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىن ئېچىشىنىڭ بېسىق مەزگىلى، 25 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەر يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنىنى ئېچىۋاتىدۇ، ھازىرغىچە مەملىكەت بويىچە 28 ئۆلكە يەرلىكنىڭ ئىككى يىغىنىنى ئاچتى. يىغىن مەزگىلىدە، نۇرغۇن جايلار يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئۆلكە دەرىجىلىك تۆت بەنزىنىڭ «1-قول مەسئۇلى»نى سايلاپ چىقتى: بېيجىڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى ۋېي، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لو خۇينىڭ، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جىخېڭ، جياڭشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لۇ شىنشې، خۇنەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دۇ جياخاۋ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى لوساڭ جياڭسۈن، چىڭخەي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ۋاڭ گوشېڭ يەرلىك ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى سەي چى، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى ليۇ گوجۇڭ، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى چې جۈن، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ مۇۋەققەت شەھەر باشلىقى جاڭ گوچىڭ، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جيەنجۈن ئۆلكە باشلىقى(شەھەر باشلىقى) بولۇپ تەيىنلەندى، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى يىڭ يۇڭ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چى جالا شەھەر باشلىقى بولۇپ تەيىنلەندى؛ شۈ لىچۈەن ئەنخۇي ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە، شۈ سۇڭنەن چۇڭچىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى. 22 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن ۋەزىپىدىكى خادىملىرى تەڭشەلدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر