باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەمۇرلار ئىستىپا بەرسە، ئۇلارنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى نوپۇسقا ئېلىنغان جايغا قايتۇرۇۋېتىلىدۇ

2017.01.22 13:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەمۇرلارنىڭ ئىستىپا بېرىپ كارخانىغا كېرىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،ئۇلارنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتىنى قانداق يۆتكەش، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى تەمىناتىنى قانداق ھېسابلاش دېگەندەك مەسىلىلەر، مەمۇرلار توپىدىكىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىسىگە ئايلاندى. تۈنۈگۈن، ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار ئىستىپا بەرسە، ئۇلارنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مۇناسىۋىتى نوپۇسقا ئېلىنغان جايغا يۆتكىلىدىغانلىقىنى ئېنىق دېدى.

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ھۆججەتتە مۇنۇلار بەلگىلەندى: ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئوخشاشلا بىر تۇتاش پىلانلاش دائىرىسىدىكى ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا يۈرۈشۈپ تۇرۇۋاتقانلارنىڭ پەقەت ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئائىت ئاساسلىق مۇناسىۋىتىلا يۆتكىلىپ، ئۇلارنىڭ فوندى يۆتكەلمەيدۇ؛ ئەمما، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىچىدە، يۆتكىلىش بىر تۇتاش دائىرىسىنى ھالقىپ يۆتكەلگەنلەرنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئائىت ئاساسلىق مۇناسىۋىتىنى يۆتكىگەندە، ئۇلارنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئائىت ئاساسلىق مۇناسىۋىتى يۆتكىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ فوندىمۇ يۆتكىلىدۇ.

  لېكىن، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن كارخانىلارغا يۆتكەلگەنلەرنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئائىت ئاساسلىق مۇناسىۋىتى شۇ كارخانىغا يۆتكىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ فوندىمۇ يۆتكىلىدۇ. بۇلار ئىچىدە، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار تەشكىلنىڭ تەستىقى بىلەن ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن كارخانىلارغا يۆتكەلگە بولسا، ئۇلارنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئائىت ئاساسلىق مۇناسىۋىتى يۆتكىلىپ كەلگەن كارخانىلارنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش ئورنىغا يۆتكىلىدۇ؛ سۇغۇرتىغا قاتناشقان خادىملار ئىچىدە، ۋەزىپىدىن ئىستىپا بېرىش، ئىشتىن بوشىتىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن ئايرىلغانلار بولسا، ئۇلارنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئائىت ئاساسلىق مۇناسىۋىتى نوپۇسى تۇرۇشلۇق جايغا يۆتكىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن كېيىن، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىن باشقا جايدا ئىشقا ئورۇنلىشىپ سۇغۇرتىغا قاتناشقان بولسا، ئۇلارنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئائىت ئاساسلىق مۇناسىۋىتىنى يۆتكەپ، ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشتا، ئۇلار كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ؛ ئالىي مەكتەپ ۋە پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرى قاتارلىق كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى، ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ ئىگىلىك تىكلىگەندە، ئۇلارنىڭ كادىرلار ئىشلىرى مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش مەزگىلىدە، ئۇلار ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئائىت ئاساسلىق مۇناسىۋىتىنى ۋاقتىنچە يۆتكىمىسىمۇ بولىدۇ.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار يۆتكىلىشتىكى بىر تۇتاش دائىرىسىدىن ھالقىپ يۆتكەلسە، ياكى ئۇلار ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن كارخانىغا يۆتكەلسە، شەخسنىڭ ئۆزى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ھەق قىسىمى ۋە شۇ كىشىنىڭ ياشانغاندىكى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا ئائىت ئاساسلىق سۇغۇرتىسى شەخسىيلەر ئىسچوتىنىڭ بارلىق زاپاس سوممىسى بويىچە ھېسابلىنىدۇ؛ ئورۇنلار تەرىپىدىن تاپشۇرۇلىدىغان ھەق قىسىمى بولسا، ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھەر يىللىق ئەمەلىي ھەق تاپشۇرىدىغان مائاشىنى ئاساس قىلىپ، مائاشىنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ %12 بويىچە يۆتكىلىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىپ ھەق تاپشۇرغىلى بىر يىل بولمىغانلارنىڭ ئەمەلىي ھەق تاپشۇرۇش مىقدارى ئاي سانى بويىچە ھېسابلاپ يۆتكىلىدۇ.

  سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلاردىن ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلار ئارىسىدا يۆتكىلىشتىكى بىر تۇتاش دائىرىسىدە يۆتكەلگەنلەرنىڭ يۆتكىلىشكە ھەق تاپشۇرۇش مىقدارى ئۇلار پېنسىيە يېشىغا يەتكەندە، ھەق تاپشۇرۇش كۆرسەتكۈچى دەپ قارالغان ئۆلچەم بويىچە، يەنى، ئۆزىنىڭ پېنسىيەگە چىقىشتىن بۇرۇنقى ۋەزىپە ۋە دەرىجە (تېخنىكا ئۇنۋانى)غا ئاساسەن، مۇناسىپ تەمىناتىنى ئېلىش ئورنىدىكى ھەق تاپشۇرىدۇ، دەپ قارالغان كۆرسەتكۈچ ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلىدۇ. سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە، ئورگان ۋە كەسپىي ئورۇنلاردىن كارخانىغا يۆتكىلىپ سۇغۇرتىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەق تاپشۇرىدۇ، دەپ قارالغان كۆرسەتكۈچىسى بولسا، كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ياشانغاندىكى ئاساسلىق كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى بويىچە بېكىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر