باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى ئېلىمىز GDP سى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشتى

2017.01.22 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 20-يانۋار سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، 2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) تۇنجى قېتىم «70 تىرىليون»غا چىقىپ، 74 تىرىليون 412 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقىدىن %6.7 ئاشقان. پەسىلگە ئايرىپ قارىغاندا، ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان، 4-پەسىلدە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان. دۇنيا بانكىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2016-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %2.4 ئەتراپىدا بولغان، 2010-يىلى دوللارنىڭ ئۆزگەرمەس باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا، 2016-يىلى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %33.2گە يېتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان.

  كەسىپلەرگە ئايرىپ قارىغاندا، 1-كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقىدىن %3.3، 2-كەسىپنىڭ %6.1، 3-كەسىپنىڭ %7.8 ئاشقان. كەسىپ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ ئەلالىشىپ، 2016-يىلى ئېلىمىزنىڭ 3-كەسىپ قوشۇلما قىممىتىنىڭ GDPدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %51.6گە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئېشىپ، 2-كەسىپتىن 11.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى تۇرغان. 2-كەسىپنىڭ ئىچكى قىسمىدا، يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقىدىن %10.8 ئېشىپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتىن 4.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتتە ئىگىلىگەن نىسبىتى %12.4 كە يېتىپ، بۇلتۇرقىدىن 0.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر