باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى: بۇ يىل ھاۋا سۈپىتى ناچارلاشقان رايونلار مەسئۇللىرىنىڭ جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ

2017.01.22 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016-يىلى، ھاۋانىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشىغا قارىتا، 60 نەچچە شەھەر جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى تەڭ يولغا قويدى، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بۇ يىل دائىرىسى تېخىمۇ كەڭ بولغان جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەڭ ھەرىكەتلىنىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھاۋا سۈپىتى ناچارلاشقان، ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرمىگەن جايلار ۋە مەسئۇللارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدۇ.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى ئاتموسفېرا باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ بىڭجياڭ ۋە مۇھىت نازارەت قىلىش-ئۆلچەش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ جىيۇ مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئېلىمىزنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق ئاتموسفېرا سۈپىتى ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى ۋە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل قوللىنىدىغان تەدبىرلىرىنى ئاشكارىلىدى.

  ئىككى مەسئۇل كىشىنىڭ دېيىشىچە، 2016-يىلى، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئاتموسفېرا مۇھىتىنى بۇلغاش تۈرىدىكى قانۇنغا خىلاپ 1600دىن ئارتۇق دېلوغا چېتىشلىق 1500دىن ئارتۇق كىشىنى مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر