- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن خوتەن ۋوگزالىغا ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى قوشۇپ قاتنايدىكەن
2017.01.22 16:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىدىن ئىگىلىشىچە، چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى يولۇچىلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن خوتەن ۋوگزالىغا بارىدىغان T9592/3،T9594/1 قېتىملىق ئالاھىدە تېز يولۇچىلار پويىزى قوشۇپ قاتنايدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن خوتەن ۋوگزالىغا قوشۇپ قاتنايدىغان پويىزنىڭ يولغا چىقىدىغان ۋاقتى: 1- ئاينىڭ 24- كۈنى ۋە 2- ئاينىڭ 10- ،13- ،16-، 19- ،22- ، 25- ، 28- كۈنلىرى بولۇپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن خوتەن ۋوگزالىغا بارىدىغان T9592/3 قېتىملىق پويىز ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن 9:30دا يولغا چىقىپ، خوتەنگە ئىككىنچى كۈنى سائەت 10:45تە يېتىپ بارىدىكەن. پويىز توختايدىغان بېكەتلەر ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى، تۇرپان، ﻛﻮرلا، كۇچا، ئاقسۇ، مارالبېشى، ئاتۇش، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، يېڭىسار، يەكەن، قاغىلىق، گۇما، قاراقاش، خوتەن قاتارلىق جايلار ئىكەن. 1- ئاينىڭ 25- كۈنى ۋە 2- ئاينىڭ 11، 14، 17، 20، 23، 26- كۈنلىرى، ھەم 3- ئاينىڭ 1- كۈنى خوتەن ۋوگزالىدىن ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا بارىدىغان T9594/1 قېتىملىق پويىز قوشۇپ قاتنايدىكەن. پويىز خوتەن ۋوگزالىدىن 12:00دە يولغا چىقىپ، ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىغا ئەتىسى سائەت 11:22دە يېتىپ بارىدىكەن. پويىز توختايدىغان بېكەتلەر خوتەن، قاراقاش، يەكەن، ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ، مارالبېشى، ئاقسۇ، كۇچا، ﻛﻮﺭلا، قارا شەھەر، تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالى قاتارلىق جايلار ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر