خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى): چاغان يېتىپ كېلىش ئالدىدا، چەرچەن ناھىيەسى ناھىيەلىك يېمەكلىك ۋە دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى، سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى، چارۋىچىلىق-مال دوختۇرلۇق ئىدارىسى، دېھقانچىلىق ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىن بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، ناھىيە بازىرى تەۋەسىدىكى تاللا بازارلىرى، دورا دۇكانلىرى ۋە يېمەكلىك بازارلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىغا بىخەتەر ئىستېمال مۇھىتى يارىتىپ بەردى.سۈرەتتە : تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملار يېمەكلىك سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى