خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل مەمىتىمىن خەۋىرى) قىشلىق بېلىق تۇتۇش پەسلى يېتىپ كېلىش بىلەن، چاقىلىق ناھىيەسى كەڭلايقى شىركىتى بېلىق تۇتۇشنى باشلاپ، قىشلىق بېلىق تۇتۇشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچتى. 1-ئاينىڭ 17-كۈنى، قىشلىق بېلىق تۇتۇش نەق مەيدانىدا، سۇ يۈزى كۆلىمى 500 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان مۇزلۇق ئۈستىدە 10دىن ئارتۇق تۆشۈك ئېچىلغان ئىدى. تور سېلىش، تور يىغىش، بېلىق سۈزۈش قاتارلىق پۈتۈن جەريان 20 نەچچە سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشتى. سەكرىشىپ تۇرغان يېڭى بېلىقلار ئارقا-ئارقىدىن مۇز ئۈستىگە چىقتى. مۇز مەيدانىدىكى بۇ مەنزىرىلەر ساياھەتچىلەرنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ بەس-بەستە سۈرەتكە چۈشۈشىگە تۈرتكە بولدى .
كەڭلايقى كۆلىدە بېلىق تۇتقۇچى تاھىر قېيۇم مۇنداق دېدى: «بىز تۈنۈگۈن تور سالغان بولۇپ، بۈگۈن ئەتىگەندىن باشلاپ تورنى يېغىشنى باشلىدۇق. بىر قېتىملىق تور يېغىشتا 300 كىلوگىرامدىن ئارتۇق بېلىق چىقتى، ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بېلىقنىڭ ئېغىرلىقى 15 كىلوگىرامدىن ئېشىپ كەتتى، بېلىق تۇتۇشمىز بەك ئوڭۇشلۇق بولدى، بۇنىڭدىن مەن بەك خوش بولدۇم»، دېدى. كەڭلايقى كۆلى تەكلىماكان قۇملۇقى بىلەن قۇمتاغ قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، جەمئىي چوڭ-كىچىك 11 كۆلدىن تەركىب تاپقان. كۆل سۈيى سۈزۈك بولۇپ، ئوت-چۆپ ۋە لەيلىمە جانلىقلارمۇ ناھايىتى مول، ياۋايى سۇ جانلىقلىرىنىڭ ياششىغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. كۆللەردە يەنە ياۋا بېلىق تۈرلىرىمۇ مول، ھەر خىل سۇ قۇشلىرى كۆل يۈزىدە ئەركىن پەرۋاز قىلالايدۇ، ئەتراپ سۇلۇق بولۇپ، بۇ يەردە يەنە ياۋا توڭگۇز، ئاق بوغۇز بۆكەن قاتارلىق ھايۋانلار توپلىشىپ ياشايدۇ، تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى بىر قەدەر ياخشى، سانى تولىمۇ ئاز بولغان، ئاپتونوم رايوننىڭ 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان تارىم يېرىق قورساق بېلىقىمۇ بۇ يەردە ياشايدۇ.
سۈرەتتە: كەڭلايقى بېلىق تۇتۇش ئەترىتدىكلەر تۇنجى قېتىملىق تۇتۇلغان بېلىقىنى سۈزمەكتە
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى