خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان ھوشۇر خەۋىرى) چاغان يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، يەنى 18-يانۋار چۈشتىن كېيىن، كورلا شەھەرلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، كورلا شەھەرلىك قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش مەركىزىدىكى خادىملار كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپكە كېلىپ، ئۇزۇن مۇددەت ئېغىر كېسەل بىلەن داۋالىنىۋاتقان ئىككى نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن چاغانلىق ھال سورىدى.
سۈرەتتە: يېڭىشەھەر يېزىلىق مەركىزىي مەكتەپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ياقۇپجان يۈسۈپ ھال سوراش كارتىسىنى ئاغرىق ئوقۇتقۇچىغا تاپشۇرۇپ بەرمەكتە.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى