باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن «قارار» بېسىپ تارقىتىپ، مەركەز بېكىتىپ جايلار يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەتتىن يەنە 39نى ئەمەلدىن قالدۇردى

2017.01.22 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «3-تۈركۈمدىكى مەركەز بېكىتىپ جايلار يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەت تۈرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار»نى تارقاتتى.

  «قارار»دا ئالدىنقى ئىككى تۈركۈمدە ئەمەلدىن قالدۇرغان 230 مەمۇرىي ئىجازەت تۈرى ئاساسىدا، مەركەز بېكىتىپ جايلار يولغا قويىدىغان مەمۇرىي ئىجازەتتىن يەنە 39نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش بېكىتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالاقىدار قانۇنغا ئاساسەن بېكىتىلگەن 14 تۈرلۈك مەمۇرىي ئىجازەتكە، گوۋۇيۈەن قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشىنى سورىدى.

  بۇ قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان تۈرلەر چېتىلىدىغان تارماقلاردىن قارىغاندا، مەركەز كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدىغان 21 تارماق بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مەزمۇن جەھەتتىن قارىغاندا كۆپىنچىسى كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت، شەخسلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە چېتىلغان، بۇ تۈرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كارخانا ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىپ، بازار ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇشقا پايدىلىق. يولغا قويۇش جەھەتتىن قارىغاندا، كۆپ ساندىكى ئىجازەت تۈرلىرى ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىگە ئايرىپ يولغا قويۇلۇپ، مىقدارى كۆپ، دائىرىسى كەڭ بولۇپ، ئامما بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك، بۇ تۈرلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىشىنى قولايلىقلاشتۇرۇشقا پايدىلىق.

  «قارار»دا ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغان تۈرلەر ئېلان قىلىنغاندىن باشقا يەنە، تەستىقلاشنى بىكار قىلغاندىن كېيىن ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرى ئېلان قىلىندى. بۇ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشنىڭ تەستىقلاشنى بىكار قىلىپ، ھۆكۈمەت باشقۇرماسلىق دېگەنلىك بولماستىن، بەلكى باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كارغا كېلىدىغان ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرى ۋە چارىسى قوللىنىدىغانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى يېتەكلەش بولۇپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا پايدىلىق.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر