- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ئاچتى
ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا بولغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلىدى، جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى
2017.01.22 15:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 19-يانۋار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ھەر قايسى دېموكراتىك گۇرۇھلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە، گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»قا بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ ئۆتتى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.
سۆھبەت يىغىنىدا، كۆپچىلىك بۇلتۇر دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەتنى تولۇق ئىگىلەپ، ياخشى پىلانلاپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ئامما پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پىلاندىكى تەرەققىيات نىشانلىرىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملىدى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى، دەپ قارىدى. شۇنداقلا يىغىنغا قاتناشقان خادىملار بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بولغان تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنىڭ دوكلاتنى ياخشى تۈزىتىش ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە زور ياردىمى بار، گوۋۇيۈەن ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ قوللىنىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر