- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
خىزمەت ئەترىتى «قوشماقلار بىرلىكتە ھال سوراش پائالىيىتى»نى
قانات يايدۇردى
2017.01.22 16:41 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان تۆمۈر خەۋىرى): 21-يانۋار چۈشتىن كېيىن، ئاقسۇ شەھىرى ئېگەرچى يېزىسى ئاسۇق كەنتىنىڭ بالداڭ مەھەللىسىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى. 100دىن ئارتۇق ئامما مەھەللە ئاممىۋى پائالىيەت زالىغا يىغىلغان بولۇپ، چېھرىدە كۈلكە جىلۋىلىنەتتى...
شىنجاڭ لوئەن كۆمۈر سانائىتى گۇرۇھىدىن ئاقسۇ شەھىرى قىزىل كۆۋرۈك كوچا باشقارمىسى توقاي مەھەللىسىگە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى ئىبراھىم ئېلىيار زىيارەت داۋامىدا مۇنداق دېدى: «بۈگۈن خىزمەت ئەترىتىمىزدىكى بەش يولداش ئۆزىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە قوشماق تۇغقانلاردىن بولۇشقان بەش توغقىنىمىز بىلەن بىرلىكتە بالداڭغا كېلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ چاغىنىنى ئالدىن قۇتلۇقلىدۇق. گەرچە كۆپ تەييارلىق قىلالمىغان بولساقمۇ، كەيپىيات ئىنتايىن يۇقىرى بولدى. بىرلىكتە تاماق يەپ، ھال-مۇڭ بولۇشتۇق، ئاممىغا «ئىككى يىغىن» روھىنى يەتكۈزدۇق ۋە چاغان مەزگىلىدە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقات ئېلىپ باردۇق، ئەترەت ئەزالىرى ۋە ئاممىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى سەرخىل نومۇرلاردىن ئورتاق ھۇزۇرلاندۇق. بىز بۇندىن كېيىن بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ قانات يايدۇرۇپ، توغقانلار ئارا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، يەنە ھەر مىللەت ئاممىسى ئوتتۇرسىدىكى دوستلۇقنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھەسسىمىزنى قوشىمىز».
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر