باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كۇچا ناھىيەسىدە يېزا-بازار كارخانىلىرى جانلاندى

2017.01.22 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز راھىلە توختى خەۋىرى) كۇچا ناھىيەسى يېزا-بازار كارخانىلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ناھىيە ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈشنى يېڭىچە سانائەتلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم خىزمەتلەر قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى.

  كۇچا ناھىيەسى ئالدى بىلەن يېزا-بازار كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولىدىغان ئامىللارنى ۋاقتىدا تۈگەتتى. پۇل مۇئامىلە تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، مەبلەغكە جىددىي ئېھتىياجلىق كارخانىلارغا 2 مىليارد 354 مىليون يۈەن قەرز پۇل ھەل قىلىپ بەردى. بۇ ناھىيە يەنە يېڭىدىن كارخانا قۇرغۇچىلارغا يەر ئاجرىتىپ بېرىش بىلەن بىللە، تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى ۋاقتىدا بېجىرىپ بەردى. ياقا بازىرى، چىمەن يېزىسى، ئۇزۇن بازىرى قاتارلىق يېزا-بازارلاردا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، تۆمۈر ئىشىك-دېرىزە ياساش، بېتون مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاش كارخانىسى قۇردى. نەتىجىدە، ئاۋغۇستنىڭ بېشىغىچە، ناھىيە بۇيىچە يېزا-بازار كارخانىسى 211گە، ئۇلار ياراتقان مەھسۇلات قىممىتى 1 مىليارد 128 مىليون 568 مىڭ يۈەنگە، تىجارەت كىرىمى 987 مىليون 438 مىڭ يۈەنگە، سانائەت قوشۇلما قىممىتى 523 مىليون 869 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم 16.3%، 12.6%، ۋە 8.9% ئېشىپ، 3242 كىشىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر