باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سېپرۇس ھۆكۈمىتى سېپرۇستىكى گىرېكلەر بىلەن تۈركلەر رەھبەرلىرىنىڭ يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى

2017.01.22 13:56         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سېپرۇس ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خىرىستوزۇلىجىس 20-يانۋار مۇنداق دېدى: سېپرۇستىكى گىرېكلەر بىلەن تۈركلەر رەھبەرلىرى 26-يانۋار يەنە بىر قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ھەل قىلىنماي كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە بىردەكلىك ھاسىل قىلماقچى.

  سېپرۇس دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سېپرۇس زۇڭتۇڭى، گىرېكلەر رەھبىرى ئاناستاشاجىس بىلەن سېپرۇستىكى تۈركلەرنىڭ رەھبىرى ئاكىنجى سېپرۇسنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا چېتىلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە كېڭىشىدىكەن.

  خەۋەردە خەۋەردار زاتنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئالاقىدار تەرەپلەر فېۋرالنىڭ باشلىرى بىخەتەرلىك ۋە دۆلەتكە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دەرىجىلىك خەلقئارالىق يىغىنى ئېچىشى مۇمكىن، بىراق كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىكى يوق دېيەرلىككەن.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر