باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە پارلامېنتى ئىككىنچى نۆۋەت بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىدى

2017.01.22 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۈركىيە بۈيۈك خەلق پارلامېنتى 21-يانۋار سەھەردە، ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىنى يولغا قۇيۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىدى. مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئومۇمىي خەلق ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ تۈزىتىلمىسىنىڭ يولغا قويۇلۇش-قويۇلماسلىقى بېكىتىلىدۇ.

  تۈركىيە ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككىنچى نۆۋەتلىك بېلەت تاشلاشتا، تۈركىيە بۈيۈك مىللىي پارلامېنتى 339 قوللاش بېلىتى ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىدىكى ھەققانىيەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئوتتۇرىغا قويغان 18 ماددىلىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى ماقۇللىغان.

  تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى بىۋاسىتە ماقۇللىنىشتا ئېھتىياجلىق بولغان قوللاش بېلىتى سانى پارلامېنتنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىم بېلەت سانى بولغان 367 بېلەتكە يەتمىگەن بولغاچقا، بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلۇش-قويۇلماسلىقى بەلگىلىنىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئالدى-كەينىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئۈچۈن، ئاز دېگەندە %51 تۈركىيە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى لازىم ئىكەن. بۇ تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان ھامان، تۈركىيەدە 2019-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمى ۋە پارلامېنت سايلىمىدىن باشلاپ رەسمىي زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىكەن، 1923-يىلى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندىن باشلاپ يولغا قويۇلغان پارلامېنت تۈزۈمى ئاخىرلىشىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر