خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1- ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدە، شۇ يەرلىك كىشىلەر «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن بۇزۇۋېتىلگەن بىر كۆۋرۈكتىن ئۆتمەكتە. موسۇل شەھىرى ئىراقتىكى ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولۇپ، شەھەر رايونى شىمالدىن جەنۇبقا ئېقىپ ئۆتىدىغان تىگرىس دەرياسى تەرىپىدىن شەرق ۋە غەرب ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن. 1-ئاينىڭ 18-كۈنى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى موسۇل شەھىرىنىڭ شەرقىنى كونترول قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئارقىدىن «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېسىپ ياتقان جايى بولغان شەھەرنىڭ غەربىگە ھۇجۇم باشلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى