- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتا، "تاشيول بىلەن تۆمۈر يول بىرلىشىپ يولۇچى توشۇش ۋە ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىسى"دىن 23ى ئېچىلدى
2017.01.22 16:09 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: « پويىز ئىستانسىسىغا بارماي تۇرۇپمۇ پويىز بېلىتى سېتىۋالغىلى بولىدىكەن، نېمىدېگەن قولايلىق!» 1- ئاينىڭ 20- كۈنى سائەت توققۇزدىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، ئەمەرجان قۇربان يەكەن ناھىيەلىك ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇس بېكىتىنىڭ "تاشيول بىلەن تۆمۈر يول بىرلىشىپ يولۇچى توشۇش ۋە ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىسى"دا شۇ كۈنى يەكەن ناھىيەسىىدىن پوسكام ناھىيەسىگە بارىدىغان پويىز بېلىتىنى سېتىۋالدى.
1- ئاينىڭ 20 - كۈنى سائەت توققۇزدىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، قەشقەر ۋىلايەتلىك، خوتەن ۋىلايەتلىك ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق "تاشيول بىلەن تۆمۈر يول بىرلىشىپ يولۇچى توشۇش ۋە ۋاكالىتەن بېلەت سېتىش نۇقتىسى"دىن 23ى تەڭلا ئىش باشلىدى، شۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئىككى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى ئاساسلىق تاشيول تىرانسپورت تورى بېلەت سېتىشنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلگە ئاشۇردى، ھەمدە ھەر مىللەت ئاممىسى ئۆزىگە يېقىن جايدا پويىز بېلىتى سېتىۋېلىپ، تۆمۈر يول ۋە تاشيول تىرانسپورتىنى تولۇق ماسلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر