باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتى ئالتە چوڭ نىشاننى ئېلان قىلدى

2017.01.22 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- يانۋار بېيجڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكىنىڭ 45- نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى ترامپ 20- يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش كۈنى، ئاق ساراي تور بېكىتىدە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئالتە چوڭ نىشانىنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئېنېرگىيە جەھەتتىكى ئىسلاھات پىلانى، دىپلوماتىيە سىياسىتىنى تەڭشەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن ئاشۇرۇشنى قايتا گۈللەندۈرۈش، ھەربىي كۈچنى ئۆستۈرۈش، قانۇن تەرتىپىنى كۈچەيتىش، سودا كېلىشىمى جەھەتتە قايتىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار بار.

  ئىقتىسادىي ساھەدە، مەسىلەن، تىنچ ئوكيان ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى (TPP)دىن چېكىنىش، شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى توغرىسىدا قايتىدىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش، ئىقتىسادنىڭ يىللىق ئېشىشىدا %4كە يېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كەلگۈسى ئون يىلدا يېڭىدىن 25 مىليون كىشىلىك ئىش ئورنى كۆپەيتىش، شەخسلەر ۋە كارخانىلارنىڭ تاپاۋەت بېجىنى تۆۋەنلىتىش ھەم باج تۈزۈمىنى ئاددىيلاشتۇرۇش، بىرىكمە ئېنېرگىيە كىرىمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئۇل مۇئەسسەسىلەر قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مەزمۇنلار كىشىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر