باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ترامپ قەسەم بېرىپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇردى

2017.01.22 15:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەنتەنە ۋە نارازىلىق سادالىرى ئىچىدە، دونالىد ترامپ 20-يانۋار چۈشتە ۋاشىنگتون ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قەسەم بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ 45-زۇڭتۇڭى بولدى، «ئامېرىكىنى 1-ئورۇنغا قويۇش»نى مەقسەت، قورۇقچىلىقنى ئاساسىي مېلودىيە قىلغان ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتۇقى سۆزلىدى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ترامپنىڭ قوللىغۇچىلىرى ۋە قارشى تۇرغۇچىلىرى قاتتىق سوغۇق، يامغۇرغا قارىماي ۋاشىنگتون شەھەر رايونىغا كەلدى. ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمى باشلىنىشتىن بۇرۇن، نەچچە يۈز قارشى تۇرغۇچى شەھەر مەركىزىدە كوچا بويلاپ ئاپتوموبىل ۋە دۇكانلارنىڭ دېرىزىلىرىنى چاقتى. ترامپ نۇتۇق سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەش نامايىشى باشلىنىشتىن بۇرۇن، توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسى ئۆسۈپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ساقچىلىرى ئامالسىز مۇچ سۈيى ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلىتىپ نامايىشچىلارنى تارقاقلاشتۇردى. ۋاشىنگتون ساقچى دائىرىلىرى 217 قارشى تۇرغۇچىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

  چۈشتە، ترامپ كىشىلەر توپى، قوللىغۇچىلىرىنىڭ تەنتەنە ساداسى ئىچىدە 16 مىنۇتلۇق ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقى سۆزلىدى. ئۇ ۋاشىنگتون سىياسىي چەمبىرىكىگە زەربە بېرىپ، ئۆزىنىڭ «چەمبىرەك سىرتىدىكى شەخس» ئوبرازىنى يارىتىپ، «ۋاشىنگتون گۈللەندى، لېكىن خەلقنى باي قىلالمىدى»، «سىياسەتۋازلار تەرەققىي قىلدى، لېكىن خىزمەت ئورۇنلىرى يوقىلىپ، زاۋۇتلار تاقالدى» دېگەننى ئەيىبلىدى. ترامپ بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر