باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «قارار» نى بېسىپ تارقىتىپ، بىر تۈركۈم ۋاسىتىچىلىق مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى قايتا ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى

2017.01.23 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ قول قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن، گوۋۇيۈەن يېقىندا «گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىق ۋاسىتىچىلىق مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى 3-تۈركۈملۈك ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارارى» نى بېسىپ تارقىتىپ، بىر تۈركۈم ۋاسىتىچىلىق مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى قايتا ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشنى گوۋۇيۈەن تارماقلىرىنىڭ مەمۇرىي تەستىق ئىشلىرىنى قوبۇل قىلىش شەرتى قالماسلىقنى قارار قىلدى.

  مەمۇرىي تەستىق ۋاسىتىچلىق ئاپپاراتلىرى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ۋە ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى كەسىپ تېخنىكا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، بىراق شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە مۇلازىمەت ئىشلىرى ھالقىسى كۆپ بولۇش، ئۇزاق ۋاقىت سەرپ قىلىش، قالايمىقان ھەق ئېلىش، بەزى ۋاسىتىچىلىق ئىشلىرى بىلەن سۇغۇللانغۇچى ئاپپاراتلار ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى مونوپول خاراكتېرىدىكى پايدا-مەنپەئەتكە مەجبۇر چېتىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، كارخانىلار ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاتتى، ھەتتا چىرىكلىكنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىغا ئايلاندى. ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنى ئېنىقلاش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، ھوقۇق بېرىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇلازىمەتنى ياخشىلاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم بىر ھالقا بولۇپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتلىرىنىڭ «قىزىل چوققىسى» نى ئېلىۋېتىپ، پايدا-مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش، «ئايلانما ئىشىك»، «ئەينەك ئىشىك» نى ھەقىقىي چېقىپ تاشلاش، ئادىل رىقابەت مۇھىتى يارىتىش، مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش، ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتىنى تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىشقا پايدىلىق. ھازىرغىچە، گوۋۇيۈەن مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى ئىشلىرىنى ئېنىقلىدى ۋە قېلىپلاشتۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر