باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2017.01.23 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 22-يانۋار چۈشتىن كېيىن تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا 38-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى نورمال ھالەتكە كىرىشىدىكى مۇقەررەر تاللاش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە ئېلىمىز ماكرولۇق ئىقتىسادنى باشقۇرۇشتا جەزمەن بېكىتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر. تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ، ئىشنى ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدىن باشلاپ، تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ۋە ئوتتۇرا-يۇقىرى دەرىجىلىك تەمىنلەشنى كېڭەيتىپ، تەمىنلەش ھالقىسى قۇرۇلمىسىنىڭ ئېھتىياج ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل نىشانغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن دۇڭچى بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە ھەم تەكلىپ-پىكىر بەردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا جەزمەن چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەيدىغان چوڭ ئىش. بۇ يىل تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان يىل، شۇڭا يېڭى يىل كىرىشى بىلەنلا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى، بۇنىڭدىكى مەقسەت تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى تەھلىل قىلىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتا دۇچ كەلگەن مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىلارنى ئېنىقلاپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر