باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش» سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشكە باشلىدى

بۇلتۇر 1 مىليون 310 مىڭ كىشى ئارتۇق تۇغۇلدى

2017.01.23 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 22-يانۋار ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، پىلانلىق تۇغۇتقا يېتەكچىلىك قىلىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ياڭ ۋېنجۇاڭ، ئانا-بالىلار مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى چىن گېڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 1‰ ئارىلاپ تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، پۈتۈن بىر يىلدا تۇغۇلغان نوپۇس 17 مىليون 860 مىڭغا يەتكەن؛ سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە دوختۇرخانىدا بوشانغانلارنىڭ سانى 18 مىليون 460 مىڭ كىشىگە يېتىپ، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى دەسلەپكى قەدەمدە كۆرۈلۈپ، مۆلچەرگە ئۇيغۇن كەلگەن.

  ياڭ ۋېنجۇاڭ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ تۇنجى يىلى، شۇنداقلا بىر تەرەپ يالغۇز پەرزەنت بولغان ئەر-خوتۇنلارنىڭ ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى بولۇپ، تۇغۇلغان نوپۇس 2000-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقىپ، 17 مىليون 860 مىڭغا يەتتى، 2015-يىلى تۇغۇلغان 16 مىليون 550 مىڭ كىشى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، 1 مىليون 310 مىڭ كىشى ئارتۇق تۇغۇلدى.

  ئومۇميۈزلۈك ئىككى پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتىگە ئۇيغۇن كىشىلەر ئارىسىدا، 35 ياشتىن يۇقىرىلار 2/3 قىسمىنى ئىگىلىدى، بۇلار كىلىنىكىدا چوڭ ياشلىق تۇغۇتلۇق ئاياللارغا تەۋە. چىن گېڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا، سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى «چوڭ ياشلىق ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە كىلىنىكىدا داۋالاشنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى تارقىتىپ، چوڭ ياشلىق تۇغۇتلۇق ئاياللارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چوڭ ياشلىق، خەۋپلىك ھامىلىدار، تۇغۇتلۇق ئاياللارنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە كىلىنىكىلىق داۋالاشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتتى.

  ياڭ ۋېنجۇاڭ مۇنداق دېدى: سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 2015-يىللىق پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئىقتىسادىي يۈك سەۋەبلىك ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغانلار %74.5نى، كۈچنى بەك سەرپ قىلىدۇ دەپ قاراش سەۋەبلىك ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغانلار %61.1نى، قارايدىغانغا ئادەم يوق سەۋەبلىك ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىمايدىغانلار %60.5نى ئىگىلىگەن. ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بېسىمى، بېقىش تەننەرخى، ئاياللارنىڭ كەسىپىي تەرەققىياتى ۋە تۇرمۇش سۈپىتىنى قوغلىشىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتىگە بولغان چەكلەش كۈچى ئاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر