باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتكەندە ئوقۇغۇچىلارنى كۆپچىلىك ئالدىدا دەرد تۆككۈزمەسلىكنى تەلەپ قىلدى

2017.01.23 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنى بېكىتىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن بېكىتىش چارىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بېكىتىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغان.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى باھالىغاندا، ئوقۇغۇچىلارنى كۆپچىلىك ئالدىدا دەرد تۆككۈزمەسلىكى، قىيىنچىلىقنى سېلىشتۇرماسلىقى؛ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش ئەھۋالىنىڭ مەزمۇنىنى ئېلان قىلىشى، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ شەخسىي ۋە ئائىلىسىنىڭ ئار-نومۇسىغا چېتىلماسلىقى؛ ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان تىپىك ئىش-پائالىيەتلەرنى تەشۋىق قىلغاندا، ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئوقۇغۇچىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئىشتا، ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىشى؛ پاسونى ئوخشاش، ئۆلچىمى بىردەك بولغان ياردەم بېرىش بۇيۇملىرىنى داغدۇغىلىق تارقىتىپ، نامرات ئوقۇغۇچىلار بىلەن باشقا ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىش، پەرقلەندۈرۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يوشۇرۇن تارقىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشى كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر