خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى-چاغان ھارپىسىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 22-يانۋار چۈشتىن كېيىن، خەلق سارىيىدا ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھ مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز زاتلار ۋەكىللىرى بىلەن خۇشال جەم بولۇپ چاغاننى كۈتىۋېلىش چېيىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز زاتلار، بىرلىكسەپ ئەزالىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ئۇلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى چايغا قاتناشتى.
لىن ۋېنيىنىڭ تەبرىك سۆزى ئاڭلاپ ئۆتۈلگەندىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۆز قىلدى ھەم مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمدىلا ئاخىرلاشقان 2016-يىلى، ئېلىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى تەڭداشسىز بىر يىل بولدى. چىگىش-مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دۆلەت ئىچى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقنىڭ مۈشكۈل ھەم ئېغىر ۋەزىپىسى ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلىشىش، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىش، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىىرلەشكە يېتەكلەپ، «13-بەش يىل» دا ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا چوڭ قەدەم باستى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2017-يىلى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى ئاچىمىز. 2017-يىلى يەنە 13-بەش يىللىق يىرىك پىلان ئىشقا ئاشۇرىلىدىغان مۇھىم بىر يىل، شۇنداقلا تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان بىر يىل. بۇ يىللىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار، سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە پارتىيەسىز زاتلار بىلەن بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئورتاق كۈرەش قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى