باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز تۆمۈر يولىنىڭ ئىيۇلدىكى يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى

2016.08.16 14:52         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016 - يىلى 7 - ئايدا ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 5 مىليون 779 مىڭ 600 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.7 ئاشتى؛ يولۇچى توشۇش مىقدارى 3 مىليون 324 مىڭ ئادەم(قېتىم)گە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.9 ئاشتى. يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارى تەڭلا %20لىك ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يول تىرانسپورتىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.

   ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىمى مۇنداق دېدى: لىنىيە بىر كىلومېتىرمۇ ئۇزارتىلمىغان، خادىملاردىن بىرەرسىمۇ كۆپەيتىلمىگەن، بىرەر پاراۋۇز، ۋاگون قوشۇلمىغان ئەھۋالدا بۇ نەتىجە ھەقىقەتەن تەستە قولغا كەلدى.

  5 - ئايدىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىز 15 - ماي ۋە 1 - ئىيۇل كۈنى تۆمۈر يولنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشەپ، ئاپتونوم رايون ئىچىدىكى يولۇچىلار پويىزلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئومۇميۈزلۈك تېزلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازلىق توشۇش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، 7 - ئايدىلا كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارىدا ئۇدا بەش قېتىم تارىخىي رېكورت بۇزۇپ تاشلاندى، 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى 116 مىڭ 529 يولۇچى(قېتىم) توشۇلۇشتەك تارىخىي رېكورت يارىتىلدى.

  يۈك توشۇش جەھەتتە، 7 - ئايدا شەرق بىلەن بىرلەشكەن كونتېينېر تېز توشۇش نۆۋەتچى پويىزىدىن 119ى قاتنىدى؛ غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى پويىزدىن 16سى قاتناپ، 599 ۋاگون، 24 مىڭ توننا ماددىي ئەشيا بېسىلغان نۆۋەتچى پويىز دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدا شىنجاڭنى ئايلىنىپ قاتنايدىغان كونتېينېر تېز توشۇش نۆۋەتچى پويىزىدىن 84ى قاتناپ، 1219 ۋاگون، 15 مىڭ توننا ماددىي ئەشيا تېز ئوبوروت قىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى جايلارنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىگە زور تۈرتكە بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر