باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپىسى كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى

ئورگاننى تىرىشىپ ئىش قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك

2016.08.16 14:51         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي گۇرۇپپىسى 15 - ئاۋغۇست كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپى، «ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش چارىسى»، ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى قاتارلىقلارنى ئۆگەندى.

   ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە ئىچىدىكى كۆزىتىش پارتىيە قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، ئورگان رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە خىزمەت تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆزىتىش، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىگە پائال ماسلىشىپ، پىكىر - تەكلىپلەرنى كەمتەرلىك بىلەن ئاڭلاپ، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئورگاندىكى پارتىيە باش ياچېيكىلىرى، ياچېيكىلار، ھەر بىر پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا، ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئىشنى ئۆزىدىن باشلاپ، پارتىيە ۋە خەلققە بولغان ساداقىتىنى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىش ھەرىكىتى بىلەن شەرھلەپ، قولىدىكى ھوقۇق ئارقىلىق خەلق ئۈچۈن ھەقىقىي خىزمەت قىلىشى، ئورگاندىكى كادىر، خىزمەتچىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسى پارتىيەنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى يەرلىك دۆلەت ھاكىمىيىتى ئورگىنىدىكى پارتىيە رەھبەرلىك تەشكىلاتى بولۇپ، پارتگۇرۇپپا خىزمىتى نىزامىنى يولغا قويۇش تەپسىلىي پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلاپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دائىمىي كومىتېت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە، تولۇق جەريانىغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈشى؛ باشتىن - ئاخىر مەركەزنى چۆرىدەپ، ئومۇمىيلىققا مۇلازىمەت قىلىپ، پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى دائىمىي كومىتېتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلىپ، پارتىيە خىزمىتى بىلەن باشتىن - ئاخىر بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە، تەڭ قەدەمدە كۈچ چىقىرىشى؛ پارتىيە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشنى پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىشتىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتا، نازارەت قىلىش، باشقۇرۇش، ئىنتىزامنى ئادا قىلىش جاۋابكارلىقىنى كۈچەيتىشى، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى باشقۇرۇشتىكى تۈرلۈك تەلەپلىرىنى ھەقىقىي، ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دائىمىي كومىتېت ئورگىنىنى تىرىشىپ ئىستىلى دۇرۇس، كەيپىياتى توغرا، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان، ئىش قىلىدىغان، ئىگىلىك تىكلەيدىغان ئورگان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن پارتگۇرۇپپا (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق 9 - قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)نى مۇزاكىرە قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۇڭمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ما مىڭچېڭ، ھۆرىگۈل جاپپار، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مەنىن زەينىل، ئىنئام نەسىردىن يىغىنغا قاتناشتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دۇڭ شىنگۇاڭ يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر