باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يىل ئاخىرىدا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ

دۆلەت ئىچىدىكى كەزمە مۇلازىمەت ھەققى تارىخقا ئايلىنىشى مۇمكىن

2016.08.15 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىقتىساد ئاۋازى «جاھان مالىيە-ئىقتىساد خەۋەرلىرى»نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى مۆلچەرلىنىشىچە بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق ئۇزۇن يوللۇق ساياھەت يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى سېتىشنى توختىتىپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ھەقنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ، شۇ ۋاقىتتا بازاردا ئەمدى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش كارتىسى يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى خادىمىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، بىر قىسىم يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتلەرنىڭ ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى بىكار قىلىش باشلانغان.

  جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى: بىزنىڭ يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتكە قارىتا ئېلىپ بارىدىغان بىر چوڭ ئىسلاھاتىمىز بولسا، بۇ خىل كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى بىكار قىلىش. ئىككى ئاساسىي يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتتە، يەنى، خۇشاللىق يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى ۋە ئۇزۇن يوللۇق يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ. يېڭىدىن بازارغا سالغان بىر مەكتەپ كارتىسى ھازىر ئۆزگەرتىلىپ مەملىكەت بويىچە ھەقسىز قىلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر