باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ساتۇرننىڭ ئالتىنچى ھەمراھىدا سۇيۇقلۇق ئېقىپ ئۆتىدىغان چوڭ جىلغا بارلىقى بايقالدى

2016.08.12 15:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ساتۇرننىڭ ئەڭ چوڭ ھەمراھى بولغان ساتۇرن ئالتىنچىدە چوڭقۇر جىلغا بار بولۇپ، جىلغا ئىچىدە سۇيۇق مېتان ئاقماقتا ئىكەن. ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى 10- ئاۋغۇست، «كاسسىنى» ناملىق تەكشۈرگۈچنىڭ يۇقارقى ئەڭ يېڭى بايقىشىنى ئېلان قىلدى.

  ساتۇرن ئالتىنچى قۇياش سىستېمىسىدىكى قويۇق ھاۋا قەۋىتى بار بىردىنبىر سەييارە ھەمراھ، ئۇنىڭ ھاۋاسى ئاساسلىقى ئازوت بولۇپ، سىرتقى يۈزىدە سۇيۇق ئازوتتىن تۈزۈلگەن دېڭىز كۆللەر بار ئىكەن. نەچچە يىل بۇرۇن، «كاسسىنى» ناملىق تەكشۈرگۈچ ساتۇرن ئالتىنچىنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، ساتۇرن ئالتىنچىنىڭ شىمالىي قۇتۇبىدىكى ئىككىنچى چوڭ دېڭىز لىجىيا بىلەن بىر قسىىم ئۆمۈچۈك تورى شەكىللىك قارا رەڭلىك ئېرىقلارنىڭ تۇتاش ئىكەنلىكىنى بايقىغان ئىدى.

  بىراق بۇ قارا رەڭلىك ئېرىقلارنىڭ ئىچىدىكىنىڭ زادى سۇيۇق مېتان ياكى مۇزدىن تەركىب تاپقان باشقا قاتما ماددا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاشقا ئۇدا ئامال بولمىغان ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، «كاسسىنى» 2013- يىلى يەنە بىر قېتىم ساتۇرن ئالتىنچىنىڭ يېنىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەندە، نۇقتىلىق قىلىپ لىجىيا دېڭىزى يېنىدىكى بۇ ئېرىقلارنى كۆزىتىپ ئۆلچىدى. ئەڭ يېڭى ئانالزدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قېتىم كۆزىتىپ ئۆلچەنگەن ئېرىقلارنىڭ ئاستىدا نۇر چاقنىغان، بۇ ئۇلارنىڭ سىرتقى يۈزىنىڭ ئىنتايىن سىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئېقىۋاتقىنى سۇيۇق مېتان ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر