باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

شى جىنپىڭ بۇيرۇقنامىنى تارقىتىپ بەردى ھەم ھەربىي ئۇنۋانى ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلارنى تەبرىكلىدى

2016.08.02 14:00         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى 29 - ئىيۇل بېيجىڭ «1 - ئاۋغۇست» زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭجياڭلىققا ئۆستۈرۈلگەن ئوفىتسېرلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، ھەربىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە باشلاندى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ چىلياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بۇ قېتىم ھەربىي ئۇنۋانى شاڭجياڭلىققا ئۆستۈرۈلگەنلەر: غەربىي ئۇرۇش رايونىنىڭ سىياسىي كومىسسارى جۇ فۇشى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە باش ئىشتابىنىڭ مۇئاۋىن باش ئىشتاب باشلىقى يى شياۋگۇاڭ.

  جۇ فۇشى، يى شياۋگۇاڭ ھەربىي فورمىسى بىلەن كۆتۈرەڭگۈ قىياپەتتە، مەزمۇت قەدەم تاشلاپ رەئىس سەھنىسىگە چىقتى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا بۇيرۇقنامە تارقىتىپ بەردى ھەم ئۇلار بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ تەبرىكلىدى. شاڭجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋان پاگونى تاقىغان جۇ فۇشى بىلەن يى شياۋگۇاڭ شى جىنپىڭغا سالام بەرگەندە ھەم مۇراسىمغا قاتناشقان بارلىق يولداشلارغا سالام بەرگەندە، مەيداندا گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

  ھەربىي ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ياڭراق ھەربىي ناخشا ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى. شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار جۇ فۇشى، يى شياۋگۇاڭلار بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى.مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئەزالىرىدىن چاڭ ۋەننيەن، فاڭ فېڭخۈي، جاڭ ياڭ، جاۋ كېشى، جاڭ يۇشيا، ۋۇ شېڭلى، ما شياۋتيەن، ۋېي فېڭخې ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئورگىنىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدىكى رەھبەرلەر، بېيجىڭدىكى ھەر قايسى مۇئاۋىن چوڭ ھەربىي رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر