باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى سېپىلىنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

2016.08.02 14:37   مەنبە: خەلق تورى

ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى سېپىلىنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى

  (ماتېرىيال سۈرەت)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 29-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ جىمىسار ناھىيىسىدىكى بېشبالىق قەدىمكى شەھىرى خارابىسى نەق مەيدانىدىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئارخېئولوگىيەلىك بايقىشىچە، شەھەر سېپىلىنىڭ بەرپا قىلىش ئۇسۇلى، قېزىلما يادىكارلىق، مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى قاتلىما بېسىم ھادىسىسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى پارچىلىرى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، بېشبالىق قەدىمكى شەھىرى سېپىلىنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە بەرپا قىلىنغانلىقى بېكىتىلگەن.

  1980 -يىلى 10- ئايدا، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ خىزمەت ئەترىتى بېشبالىق قەدىمىي شەھىرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ، ھازىر ساقلىنىۋاتقان شەھەر سېپىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرى قۇرۇلغان، ئىچكى شەھەر تەخمىنەن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ. لېكىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىسپاتى كەمچىل بولغانلىقتىن، بۇ كۆز قاراش كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى . شۇنىڭدىن كېيىن، يەنە كۆپ قېتىم ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.بۇ يىل 7- ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا، ئارخېئولوگىيە ئەترىتى يەنە بىر قېتىم كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى. ئۇلار خادىملارنى تەشكىللەپ، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى جەنۇبىي قوۋۇق خارابىسىدا ئۇزۇنلۇقى 50 نەچچە مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 70 نەچچە سانتىمېتىر ئورەك كولاپ تەكشۈرۈپ، ئۇنى ئىچكى سېپىلدىن سېپىل سىرتىغا تۇتاشتۇردى ھەمدە سېپىل خەندىكىنىڭ يىنىغا ئۇزارتتى. بۇ كەسمە يۈز ئۈستىدە قەۋەت - قەۋەت سوقما ئىزى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، خاڭدالغان توپا قەۋىتىدىكى خاڭ ئويمىنى ئاساسەن ئوخشاش ئىدى.

  تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى تەن داخەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ھۈنەر - سەنئەتكە پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدۇ. «ئەينى چاغدا بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان توپا تولدۇرۇپ، ئۈچ سانتىمېتىر كېلىدىغان شەھەر سېپىلى قىلىپ خاڭداش بەلگىلەنگەن. بۇ بۆلەكتىكى سېپىلنىڭ ئاستى قاتلىمنىڭ ھەممىسى قوپۇرۇلغان، ھازىرقى شەھەر قۇرۇلۇشى شەكلى ۋە تۈزۈلمىسىدىن قارىغاندا، ئۇ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى بەزى چوڭ شەھەرلەر بىلەن ئوخشاش.»

  ئارخېئولوگلارنى گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوش قىلغىنى بولسا، پەقەت بىر نەچچە كۈن كولىغاندىن كىيىن، توپا ئىچىدىن بىر تال تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى كەييۈەن تۇڭباۋ پۇلىنىڭ قېزىۋېلىنىشى. كەييۈەن ( مىلادىيە 713- يىلىدىن -741 يىللىرى) تاڭ شۈەنزۇڭ − لى لۇڭجىنىڭ يىلنامى بولۇپ، جەمئىي 29 يىل. بۇ مەزگىل دەل جۇڭگودىكى فېئوداللىق جەمئىيەت ئەڭ گۈللەنگەن دەۋر بولۇپ، «كەييۈەن يىللىرىدىكى گۈللىنىش» دەپ ئاتالغان.

  ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق مۇنۇلار بايقالدى، بېشبالىق قەدىمىي شەھىرى خارابىلىرى تەرتىپسىز تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىللىك بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.5 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 1.2 كىلومېتىر، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى 5.4 كىلومېتىر كېلىدىكەن. جەنۇب، شىمالىي، غەرب ئۈچ تەرىپىدىكى سېپىل ساقلىنىپ قالغان، ھەممىسى توپىنى خاڭداش ئارقىلىق ياسالغان. شەھەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چاڭئەن شەھىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئىچكى ۋە تاشقى ئىككى شەھەرگە ئايرىلغان، شەھەر سىرتىدىكى دەريا مەزكۇر سېپىلنى ئوراپ تۇرىدىغان سېپىل خەندىكىنى ھاسىل قىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئەركىن تۇنىياز 2016–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈردى
    ·يۇقىرى نومۇر ئەقىللىقلىقنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغا-سالام قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى تىزگىنلەيدىكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى
    ·«جىددىي ھالەت» ئاستىدا تۇنجى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ 
    ·بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى
    ·ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىناي دېسىڭىز، بەش ئىشقا دىققەت قىلىڭ
    ·تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئىلىمدىكى ناچار قىلمىشلارنى تۈزەيلى
    ·سانجى شەھىرى تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقىنى قوغداش پونكىتى تەسىس قىلدى