باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

7-نۆۋەتلىك جۇڭگو . شىنجاڭ خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

2016.07.29 18:40   مەنبە: خەلق تورى

7-نۆۋەتلىك جۇڭگو . شىنجاڭ خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-ئىيۇل، بەش كۈن داۋاملاشقان 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو . شىنجاڭ خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى، سەككىز دۆلەتتىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈر سەنئەتچىلەر بىر يەرگە جەم بولۇپ، ناخشا - ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق دوستلۇق مارشىنى ياڭراتتى.

  شۇ كۈنى سائەت 18:00 بىلەن شىنجاڭ مۇقام يۇرتىدا 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو . شىنجاڭ خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمى ۋە 9- نۆۋەتلىك چەتئەلدىكى شىنجاڭ تەۋەلىكىدىكى جۇڭگولۇقلار پۇشتىدىن بولغان ياشلار-ئۆسمۈرلەرنىڭ جۇڭگودا يىلتىزىنى ئىزدەش يازلىق لاگىر پائالىيىتى شىنجاڭ مۇقام يۇرتى ئورۇنلىغان سەنئەت نومۇرى بىلەن باشلاندى، جېجياڭ سەنئەت كەسپىي ئىنستىتۇتى سەنئەت ئۆمىكى، كورېيە ئوسان سەنئەت ئۆمىكى، تايلاند گىرالدا خان سارىيى مەكتىپى سەنئەت ئۆمىكى قاتارلىق سەككىز دۆلەتنىڭ ئارتېسلىرى پائالىيەتكە 21 نومۇر قاتناشتۇردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو . شىنجاڭ خەلقئارا ياشلار-ئۆسمۈرلەر سەنئەت بايرىمىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيتى ئويۇشتۇرغان، چەت ئەللەردىن، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ۋە شىنجاڭ ئىچىدىن 17 سەنئەت ئۆمىكى تەكلىپ قىلىنغان، ئومۇمىي كۆلىمى 370 ئادەمگە يېتىپ، تارىختىكى يېڭى پەللىنى ياراتقان. پائالىيەت جەريانىدا، ھەرقايسى دۆلەتتىكى ياشلار-ئۆسمۈرلەر بايىنغولىن ئوبلاستىدا نومۇر ئورۇندىغاندىن باشقا، ئېكسكۇرسىيە، ساياھەت قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·يۇقىرى نومۇر ئەقىللىقلىقنىڭ ئىپادىسىمۇ؟
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغا-سالام قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى تىزگىنلەيدىكەن
    ·ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى
    ·«جىددىي ھالەت» ئاستىدا تۇنجى زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ 
    ·بېيجىڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆسمۈرلەر ئاخبارات تارقىتىش ئىنستىتۇتى قۇرۇلدى
    ·ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىناي دېسىڭىز، بەش ئىشقا دىققەت قىلىڭ
    ·تۈزۈم قەپىسىنى چىڭىتىپ، ئىلىمدىكى ناچار قىلمىشلارنى تۈزەيلى
    ·سانجى شەھىرى تەڭرىتاغ 1-نومۇرلۇق مۇزلۇقىنى قوغداش پونكىتى تەسىس قىلدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: پىروفېسسور بولۇش ئۈچۈن چوقۇم تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتۈش لازىم