- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغا-سالام قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى تىزگىنلەيدىكەن
2016.07.27 16:16 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئوقۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى كېيىنكى ئۈچ يىلدا ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغا-سالام قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى ئوڭشايدىكەن، بولۇپمۇ يازلىق تەتىل، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتتۈرۈش، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھەمدە ئوقۇش باشلاش قاتارلىق مۇھىم پەيتلەردە قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مەخسۇس تىزگىنلەيدىكەن.
مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىشخانىسى يېقىندا «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغا-سالام قوبۇل قىلىش مەسىلىسىنى تىزگىنلەپ، ئۆزىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى ئېلان قىلدى، ئۇقتۇرۇشتا 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ، ھەر قايسى ئۆلكە دەىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىدىن ئۆزىنى تەكشۈرۈشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش ھەمدە ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى تەييارلاش تەلەپ قىلىندى. مائارىپ مىنىستىرلىقى 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، بىر قىسىم ئۆلكىلەرنىڭ تەكشۈرىشىگە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ ھەمدە تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلىدۇ ۋە ئۇقتۇرىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر