باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە سوۋغات قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەيدۇ

2016.07.26 14:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 25-ئىيۇل، مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، كەلگۈسى ئۈچ ئايدا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، ھۆرمەت پۇلى قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرىنى تىزگىنلەيدىكەن. بولۇپمۇ يازلىق تەتىل، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەن، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ۋە ئوقۇش باشلاش قاتارلىق نۇقتىلىق مەزگىلدىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، قاراتمىلىقى بولغان ھالدا مەخسۇس تۈزىتىشنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ھەقلىق دەرس تولۇقلاش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، ھۆرمەت پۇلى قوبۇل قىلىش مەسىلىلىرى توغرىسىدا ئۆزىنى ئۆزى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»دا، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ھەر قايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى ئۆزىنى ئۆزى ئەستايىدىللىق بىلەن تەكشۈرۈشكە تەشكىللەشنى ھەم ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى يېزىشنى تەلەپ قىلدى.

  10-ئاينىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، مائارىپ مىنىستىرلىقى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بىر قىسىم ئۆلكىلەرنى تاللاپ نۇقتىلىق تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىدىكەن ھەم تەكشۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر