باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلاندى

2016.07.27 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىز 27 - ئىيۇلدىن باشلاپ بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورىدا خەنزۇ تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر، موڭغۇل تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەنلەر ۋە خەنزۇ تىل - يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن مىللىي ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرس 2 - تۈركۈمى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ قېتىمدا 368 ئالىي مەكتەپ ئاپتونوم رايونىمىزدىن 23 مىڭ 866 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

  ھازىرغىچە 30 مىڭ 435 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تولۇق كۇرس 0 - تۈركۈمدە 7228 ئوقۇغۇچى، نامرات رايونلار مەخسۇس تۈر پىلانى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئايرىم پىلانى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش - يۆلەش پىلانى تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمىدە 2378 ئوقۇغۇچى، ئۆز ئالدىغا تاللاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈركۈمىدە 132 ئوقۇغۇچى، تولۇق كۇرس 1 - تۈركۈمىدە 20 مىڭ 697 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئوقۇغۇچىلار ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىلگىرى شىنجاڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسىغا كىرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ 1 - تۈركۈمىگە قوبۇل قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، 2 - تۈركۈم بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىدىكى تىل تۈرى، تۈركۈم قېتىمى، پەن تۈرى، مەكتەپ ۋە كەسىپكە ئالاقىدار ئۇچۇر ۋە تەلەپلەرنى چۈشىنىپ تۇرۇپ، ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن ئارزۇ تولدۇرۇشى كېرەك ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر