باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىناي دېسىڭىز، بەش ئىشقا دىققەت قىلىڭ

2016.07.25 15:28         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى تۈرلۈك ئالدامچىلىقلار ۋە قانۇنسىز ۋاسىتىچىلەر ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا - ئانىلارغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نامىدىكى ئالدامچىلىقلاردىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشنى سەمىمىي ئەسكەرتتى:

  بىرىنچىدىن، ھۆكۈمەت تەرەپ تارقاتمىغان ھەرقانداق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەشۋىقاتىغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ساختا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئورۇنلىرى كۆپىنچە ھاللاردا مەكتەپلەرنىڭ تۈرلىرىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، مەسىلەن: ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش مائارىپى، چوڭلار ئالىي مائارىپى بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئىمتىھان بېرىش بىلەن پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى مۇنتىزم ئوقۇش تارىخى مائارىپىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، غەيرىي ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرىنى ئالدايدۇ. ھەتتا بەزى ئالدامچىلار ھەقىقىي مەكتەپلەرنىڭ تور بېتىگە تەقلىد قىلىپ تور بېتى ياساپ، قانۇنسىز ھالدا مەكتەپلەرنىڭ تورىدا ئېلان قىلغان قوبۇل قىلىش تىزىملىكىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىدۇ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرىنىڭ قوبۇل قىلىش تىزىملىكى ۋە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىنى ئوخشىتىپ ياسايدۇ.

  ئىككىنچىدىن، ۋاسىتىچى ئاپپاراتلارغا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. بەزى ئالدامچىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، مەلۇم مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارمىقى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆز - كۆز قىلىپ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار بەزى سىياسەتلەرنى چۈشەنمەسلىكىدەك يوچۇقتىن پايدىلىنىپ، «پۇل ئارقىلىق ھەل قىلىش» يولىنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت ھەرقانداق تەشكىلات، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋاسىتىچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. شۇڭا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا - ئانىلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغۇچى ئورۇنلارنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشى، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسكە يەڭگىللىك بىلەن ئىشىنىپ كەتمەسلىكى لازىم.

  ئۈچىنچىدىن، قوبۇل قىلىنغانلىق ئۇقتۇرۇشىنىڭ ھەقىقىي ياكى ساختا ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. بۇنىڭدىكى ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل −− شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى ۋە شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىدىن قوبۇل قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ياكى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى مەخسۇس لىنىيەلىك مەسلىھەت سوراش تېلېفونىغا تېلېفون ئۇرۇپ، قوبۇل قىلىش نەتىجە ئۇچۇرلىرىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ھەر خىل شەكىلدىكى «ئىش پۈتتۈرگۈچىلەر»نى ئىزدەپ، ئورۇنسىز زىيان تارتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەتىجە ئۇچۇرلىرىنى توردا قەرەللىك ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يوللار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىغا ئالدىراپ ئىشەنمەسلىك كېرەك.

  بەشىنچىدىن، قانۇنسىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قىلمىشلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىش كېرەك. بۇنداق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەت بېرىش مەخسۇس لىنىيەسى 8750000 - 0991 گە ياكى ئاپتونوم رايوننىڭ 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نەق مەيدانى ئىنتىزام تەكشۈرۈش نازارەتچىلىك پاش قىلىش تېلېفونى 8758128 - 0991 گە تېلېفون ئۇرۇپ، ئەھۋال ئىنكاس قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر