خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «2013-يىلى 1-ئاينىڭ 27-كۈنى، جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە قۇرۇقلۇق ئۇلى ئوتتۇرا بۆلىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇش سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى، سىناق كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتتى. بۇ مۇداپىئە خاراكتېرلىك تەجرىبە بولۇپ، ھېچقانداق دۆلەتكە قارىتىلمىغان.»
ناھايىتى ئاددىي يېزىلغان بىر ھۆكۈمەت ئۇچۇرى، جۇڭگونىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان جاراڭلىق ئاۋاز، شىجائەتلىك ئىش، قىسقا ئۇچۇرغا ئايلىنىپ، چۆل-جەزىرىدىن بېيجىڭغا، يەر شارىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىن پۈتۈن دۇنياغا تارقالدى.
جۇڭگودىكى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە شەرەپ ۋە ئارزۇ يۈكلەنگەن شەرقىي شىمالدىكى مەلۇم بىر بازا، دۆلەت باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىنىقى قارىغا ئېتىش مەيدانىدا، ئوتتۇرا بوي، ئوتتۇرا ياشلاردىكى بىر ھەربىي خۇشاللىق ئۆتكەندىن كېيىن، نەزىرى يەنە تامدىكى غايەت زور جۇڭگو يەر شەكلى خەرىتىسىگە مۇجەسسەملەندى. تاغ، دەريا، چۆل-جەزىرە، ئېتىزلىقتىن تارتىپ ئۇپۇققىچە ئۇنىڭ كۆزى سىيپاپ ئۆتكەن ھەر بىر نۇقتىنى تۇتاشتۇرسا، باشقۇرىدىغان بومبىنىڭ ئاسماندا ئۇچقان ئىزىغا ئوخشايتتى.
ئۇ دەل ياردەمچى ئۇچۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشتىكى پەن-تەتقىقات ئاۋانگارتى، شەرقىي شىمالدىكى مەلۇم بازىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن دېمىڭ بولۇپ، ئۇ مىڭلىغان مۇرەككەپ سانلىق مەلۇماتتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئۇچۇش قانۇنىيىتىنى ئوقۇيالايدۇ، ئالدىن بىلگىلى بولمايدىغان ئۇچۇش سىزىقىدىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ چۈشۈش نۇقتىسىنى كۆرەلەيدۇ.
قۇملۇقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قارىغا ئېتىش مەيدانىغا كەلگەن 26 يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ھاياتى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى بىلەن زىچ باغلىنىپ، نەزىرىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئوخشاش يولى ئېنىق، نىشانى توغرا بولدى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى