باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ «ئۆرۈكزارلىق» تەجرىبە سىنىپلىرىغا تىزىملىتىش باشلاندى

بىر جۇڭگو تېبابىتى ۋە بىر ئۇيغۇر تېبابىتى سىنىپىگە 80 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ

2016.07.15 14:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 13 - ئىيۇل شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىن ئىگىلىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى تور بېكىتى (http://fz.xjnu.edu.cn )دە تىزىمغا ئالدۇرۇسا بولىدىكەن، مەسلىھەت سوراش تېلېفونى 0991-4332706 .

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لۈي جىشىن مۇنداق دېدى: « ئۆرۈكزارلىق» جۇڭگو تېبابىتى سىنىپىغا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئۆگىنىش ۋە ئەخلاقتا ئەلا بولغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇشى لازىم؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى نەتىجىسى پىرىنسىپ جەھەتتە شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ نومۇر چېكىگە يەتكەن بولۇشى، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى نەتىجىسى شۇ جايدىكى ئۈلگە مەكتەپ نومۇر چېكىگە يەتكەن ياكى يېقىنلاشقان بولۇشى لازىم؛ ئوخشاش شەرت ئاساسىدا جۇڭگو تېبابىتى ئائىلىسىنىڭ پەرزەنتلىرى ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

  شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپ پارتكومىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت ئابدۇسېيىت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى «ئۆرۈكزارلىق» ئۇيغۇر تېبابىتى تەجرىبە سىنىپىغا تىزىملىتىدىغانلار 2876563 - 0991 تېلېفونى ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرسا ۋە مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئۆگىنىش ۋە ئەخلاقتا ئەلا بولغان، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار بولۇشى لازىم؛ ئۈرۈمچى شەھىرىدىن تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى نەتىجىسى پىرىنسىپ جەھەتتە شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ نومۇر چېكىگە يەتكەن بولۇشى لازىم؛ ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىن تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلار بۇ يىل قاتناشقان شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى ئىمتىھان نەتىجىسىگە قاراپ ئەلالىرى تاللاپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

  بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزدا بىر جۇڭگو تېبابىتى « ئۆرۈكزارلىق تەجرىبە سىنىپى » ۋە بىر ئۇيغۇر تېبابىتى « ئۆرۈكزارلىق تەجرىبە سىنىپى » ئېچىلىدىغان بولۇپ، ھەر بىر سىنىپقا 40 تىن جەمئىي 80 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇ ئىككى سىنىپقا ئاپتونوم رايون بويىچە ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىنىدۇ. جۇڭگو تېبابىتى« ئۆرۈكزارلىق تەجرىبە سىنىپى »نى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شۆبە ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، ئۇيغۇر تېبابىتى «ئۆرۈكزارلىق تەجرىبە سىنىپى »نى شىنجاڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپى ۋە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.

  «ئۆرۈكزارلىق» تەجرىبە سىنىپى ئوقۇتىشىدا « 3 + 5 » ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيەلەش ئەندىزىسى قوللىنىدۇ. يەنى، ئۈچ يىل تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپىنى قوبۇل قىلىدۇ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلار ئوخشاش شەرت ئاستىدا شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالاقىدار ئىنستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ، ئاندىن يەنە بەش يىل جۇڭگو تېبابىتى، مىللىي تېبابىتى تولۇق كۇرس كەسپى بويىچە تەربىيەلىنىدۇ. ئوقۇغۇچىلارنىڭ تولۇق كۇرس باسقۇچىدا ئۆگىنىش نەتىجىسى ئەلا بولسا، ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھانسىز قوبۇل قىلىنىپ تەربىيەلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر