باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى: ئايروپىلان كېچىكىشىگە ئائىت يېڭى بەلگىلىمە كېلەر يىلى يولغا قويۇلىدۇ،دېدى

2016.07.25 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇل، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، «نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ نورماللىقىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كېلەر يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ بەلگىلىمىدە ئايروپىلان كېچىكىشكە چېتىلىدىغان ئىقتىسادىي تۆلەم، يولۇچىلارنىڭ ياتاق، تامىقى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا بىر تۇتاش، ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان.

  ئايروپىلان كېچىككەندىن كېيىنكى ئىقتىسادىي تۆلەم مەسىلىسىدە، بۇ بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئېنىق كۆرسىتىلدى: ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ئايروپىلان كېچىكىشتىكى ئىقتىسادىي تۆلەم لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىشى ھەمدە جەمئىيەتكە ئاشكارىلىشى لازىم، لايىھەدە ئايروپىلان كېچىكىشكە تۆلەم بېرىلەمدۇ-يوق، تۆلەم بېرىش دائىرىسى، شەرتى، ئۆلچىمى قاتارلىق مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇشى لازىم.

  ئايروپىلان ئاسراش، ئاۋىياتسىيە نۆۋىتىنى تەڭشەش قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۆزىدىكى سەۋەب بىلەن ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى كېچىككەندە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى چوقۇم يولۇچىلارنى تاماق ياكى ياتاق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. ھاۋارايى، تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، بوشلۇقتىكى قاتناش تىزگىنلەش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشى ۋە يولۇچىلار قاتارلىق ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ سەۋەبىدىن بولمىغان ئامىللار بىلەن ئايروپىلان كېچىكتۈرۈلسە ياكى بىكار قىلىنسا، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يولۇچىلارنىڭ تاماق ۋە ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياردەملىشىشى، چىقىمنى يولۇچىلار چىقىرىشى لازىم. ئايروپىلان ئۆتەر جايدا كېچىكسە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا، قانداق سەۋەب بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى چوقۇم يولۇچىلارنى ياتاق ۋە تاماق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشكە مەسئۇل بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر