باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيەدىكى يەسلىلەرنىڭ خىراجىتى ئۇنىۋېرسىتېتنىڭكىدىن ئېشىپ كەتتى

2016.07.21 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: روسىيە «خەۋەر گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەدىكى يەسلىلەر خىراجىتىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب ئۆسۈش سۈرئىتى ئالىي مەكتەپلەرنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن.

  رۇسىيە فېدېراتسىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2014-يىلىدىن باشلاپ، ھۆكۈمەت قارىمىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىر مەۋسۇملۇق ئوقۇش خىراجىتى %11 ئۆسكەن، شەخسىيلەر قارىمىقىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ %11.8 ئۆسكەن، لېكىن يەسلىلەرنىڭ بىر كۈنلۈك خىراجىتى % 16 ئاشقان.

  رۇسىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇنداق ئۆسۈش پۇل پاخاللىقى ۋە شۇ جايدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ئىشلار بىلەن ئالاقىدار ئىكەن.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، رۇسىيەدە بالىلارنىڭ يەسلىدىكى بىر كۈنلۈك خىراجىتى 92 رۇبلى ئىكەن. ئوخشىمايدىغان رايوندىكى يەسلىلەرنىڭ يەسلى خىراجىتىمۇ ئوخشىمايدىكەن. پايتەخت موسكۋادىكى بالىلارنىڭ يەسلىدىكى بىر كۈنلۈك خىراجىتى 128 رۇبلى، موسكۋا ئوبلاستىدا 142 رۇبلى، ماگادان ئوبلاستىدا 224 رۇبلى، سانكت پېتىربورگدا پەقەت 25 رۇبلى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر