باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا

يېڭىدىن تىزىمغا ئېلىنغان ئائىلە ئاپتوموبىلىنىڭ سانى 108 مىليون 500 مىڭغا يەتتى

2016.07.21 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، 2016-يىلى يىل ئاخىرىغا قەدەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ سانى 285 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 184 مىليون ئاپتوموبىل بار ئىكەن. موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچى 342 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل ھەيدىگۈچى 296 مىليونغا يەتكەن.

  ئاپتوموبىلنىڭ سانى جەھەتتە تېز ئېشىش بولغان. بۇ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتوموبىلىنىڭ سانى 11 مىليون 350 مىڭغا يەتكەن، يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان ئاپتوموبىل 13 مىليون 280 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 17.62 ئاشقان.

  يېڭىدىن تىزىملاتقان ئائىلە ئاپتوموبىلنىڭ سانى تېز ئېشىشنى ساقلاپ قالغان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، مەملىكەت بويىچە كىچىك تىپلىق يولۇچى ئاپتوموبىلىنىڭ سانى 147 مىليوننى ساقلاپ قالغان بولۇپ، يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان ئاپتوموبىل 11 مىليون 690 مىڭغا يەتكەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئائىلە ئاپتوموبىلىنىڭ سانى 135 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان ئاپتوموبىلنىڭ سانى 10 مىليون 850 مىڭغا يەتكەن.

  موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدىگۈچىنىڭ سانى ئىزچىل يۇقىرى سۈرئەت بىلەن ئاشقان. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، 161 مىليون 110 مىڭ كىشى يېڭىدىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل كىنىشكىسىنى ئالغۇچى 15 مىليونغا يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر