باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەردوغان ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.07.21 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 18-ئىيۇل، ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ھەمدە ئامېرىكىنى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلغان تۈركىيەلىك پەتھۇللا گۈلەننى تۈركىيەگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە دەۋەت قىلدى. ئامېرىكا ئاق ساراي باياناتچىسى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تۈركىيەنىڭ پەتھۇللا گۇلەننى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى باھالىغاندىن كىيىن ئاندىن قارار چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئەردوغان، ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلەر تورىدا شۇ كۈنى ئاڭلىتىلغان سۆھبەت پىروگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسىنى تۈركىيە پارلامېنتىدا مۇزاكىرە قىلىپ قارار چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ، پارلامېنت قارار چىقارسىلا، مەن ئۇنىڭغا قول قويىمەن.

  تۈركىيە، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش ئۈچۈن 2002- يىلى ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى تۈركىيە تەرەپنى ئۆلۈم جازاسىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەسلىك توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. بىراق ئەردوغان زىيارەت پىروگراممىسىدا مۇنداق دېدى: ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش دۆلەتكە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى، بىر قىسىم تۈركىيەلىك پۇقرالار سىياسىي ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە ماڭا بۇ كىشىلەرنى تۈرمىگە قاماپ بىكار تاماق بەرمەسلىكنى ئېيتتى.

  تۈركىيە زۇڭلىسى ئىلدىرىم 18-ئىيۇل، نۆۋەتتە 7 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنىڭ سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتناشقانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا ئەدلىيە ساھەسىدىن 2 مىڭ 700 خادىمنىڭ، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى 10 مىڭ 200 خادىمنىڭ ئىشتىن توختىلىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر