باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

2016.07.21 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئىدىيەسى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى 20 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق ئالتە دۆلەتتىكى مەشھۇر دىنىي زاتلار، داڭلىق ئالىم - تەتقىقاتچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى بولۇپ 100 گە يېقىن ۋەكىل قاتناشتى.

  بۇ مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭخۇا دىن ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى بىلەن جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىن ئەھلى «ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرايلى» باش تېمىنى چۆرىدەپ، ئىسلام دىنى دۇچ كېلىۋاتقان كەسكىن رېئاللىق، دۇنيانىڭ قىسمەن جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ئايەت - ھەدىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئوتتۇرا يول تۇتۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىدىن ئورتاقلاشتى.

  دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ زوئەن مۇنداق دېدى: دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ يامرىشى يەر شارى خاراكتېرلىك تەھدىتكە ئايلاندى، خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئىتتىپاقلىشىپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، بىرلىك سەپ قۇرۇشى كېرەك. يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر تېررورلۇققا، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش جەھەتلەردە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر