باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونى - ياۋايى ھايۋانلارنىڭ جەننىتى

2016.07.21 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىدا زىيارەتتە بولۇپ ئىگىلىشىچە، مەزكۇر تەبىئىيلىكىنى قوغداش رايونىدا، ئېگىزلىككە خاس بولغان ئۈچ چوڭ تۇياقلىق ھايۋان − تىبەت بۆكىنى، ياۋا قوتاز، تىبەت قۇلانىنىڭ سانى 60-90 مىڭ تۇياققا يەتكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ مۇھاپىزەت رايونى قۇرۇلغاندىن ھازىرغىچە، چۇۋۇلغان چارۋىچىلىق قاشاسى جەمئىي 125 مىڭ موغا، چارۋىچىلىق دائىرىسى 36 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ 33 مىڭ 600 تۇياق قوي بېقىشىدىن، ھازىرقى ئۈچ ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ 2000 تۇياق قوي بېقىشىغا ئازايتىلغان. 10 يىلغا يېقىن مۇھىتنى تۈزەش ئارقىلىق، تەبىئىي تەڭشەش - تىزگىنلەش شەرتى ئاستىدا، تەبىئىي يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ياخشى بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار ۋە چارۋىچىلارنىڭ ئۆي ھايۋانلىرى سىجىل كۆپەيگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر