باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :

خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملىق پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

2016.07.21 15:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ، شەرقىي رايونلار بىلەن غەربىي رايونلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىق سۆھبىتى يىغىنىدا، نۆۋەتتىكى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل، ئالاقىدار رايون، تارماق ۋە ئورۇنلار خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، يەنىمۇ ھەرىكەتكە كېلىپ، تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلۈك ئېل نىنو ھادىسىسىنىڭ تەسىرىدە، ئېلىمىزنىڭ بۇ يىللىق ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئىنتايىن نورمالسىز بولۇپ، ئېلىمىز مۇددەتتىن بۇرۇن تاشقىن مەزگىلىگە كىردى. تاشقىن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، جەنۇبتا 20 نەچچە قېتىم كۈچلۈك يامغۇر ياغدى، تەيخۇ كۆلىدە ۋادا خاراكتېرلىك چوڭ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، تۆۋەن غول ئېقىمىنىڭ ھەممىسى ئاگاھلاندۇرۇش سىزىقىدىن ئېشىپ كەتتى، قىسمەن رايونلاردا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى چوڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، چوڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قويۇپ، پەۋقۇلئاددە چوڭ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، بىخەستەلىك ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش پىسخىكىسىدىن ساقلىنىپ، زىياننى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىشقا تىرىشىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر