باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى: شىمالىي جۇڭگو، خۇاڭخې-خۇەيخېنىڭ شىمالىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە 75 كىشى قازا قىلدى ياكى يوقاپ كەتتى

2016.07.21 15:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-ئىيۇل خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، 18-ئىيۇلدىن بۇيان، شىمالىي جۇڭگو، غەربىي شىمال، خۇاڭخې-خۇەيخېدىكى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغقان، 20-ئىيۇل سائەت توققۇزغىچە قىلىنغان ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، بۇ قېتىملىق قاتتىق يامغۇردا خېبېي، شەنشى، شەندوڭ، خېنەن، سەنشى، گەنسۇ قاتارلىق ئالتە ئۆلكىدىكى 35 شەھەر، 131 ناھىيە (شەھەر، رايون)دىكى 1 مىليون 731 مىڭ كىشى ئاپەتكە ئۇچرىغان، 75 كىشى قازا قىلغان ياكى يوقاپ كەتكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بېيجىڭ، خېبېي، شەنشى ۋە خېنەن قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلاردا كەلكۈن ئاپىتى بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك يامغۇر ياغقان بولۇپ، نۇرغۇن جايلاردىكى زىرائەتلەر ئاپەتكە ئۇچرىغان، ئۇل ئەسلىھەلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، بېيجىڭدا 19-ئىيۇل كەچتىن ھازىرغىچە ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر يېغىپ، پايتەخت ئايرودرومىدىكى نۇرغۇن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، بېيجىڭ-جيۇلوڭ لىنىيەسى، بېيجىڭ-گۇاڭجۇ لىنىيەسىدىكى قىسمەن پويىزلار كېچىكتۈرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر