خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 2020-يىلىغا بارغاندا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەر قانداق رايون، ھەر قانداق مىللەتنىڭ سەپتىن چۈشۈپ قېلىشىغا بولمايدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىپ كىرىپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادنىڭ گۈللىنىشىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، مۇھىتنىڭ گۈزەللىكىنى، خەلقنىڭ باي-باياشات بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ 18-ئىيۇلدىن 20-ئىيۇلغىچە نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى لى جيەنخۇا، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇۋەققەت رەئىسى شيەن خۇينىڭ ھەمراھلىقىدا گۇيۈەن، يىنچۇەن قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، يېزا، كارخانا، ئىنقىلابىي ئەنئەنىۋى تەربىيە بازىلىرىغا بېرىپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، تەتقىق قىلدى ۋە كۆزدىن كەچۈردى.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى